ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خىتاي خەلق بانكىسى خىتاي تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يەنە 99 مىليارد 500 مىليون دوللار تۆۋەنلەپ، 3.23 تىرىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى تۆۋەنلەش پەقەت ئالدىنقى 6 ئاي ئىچىدىلا 420 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 2014 - يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرى 3.99 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى بولۇپ، مەزكۇر سومما 2015 - يىلى دېكابىردا 3.33 تىرىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
«ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 2014- يىلى يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقتىدىن بۇ يىل يانۋارغا كەلگۈچە 1 تىرىليون دوللارغا يېقىن تۆۋەنلىگەن.
مۇلاھىزىلەردە خىتاي تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىغا بىۋاسىتە باغلانغان.
خىتاي ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى بىراقلا 3 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
ب ب س دا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان IHSپۇل-مۇئامىلە بازىرى تەتقىقات گۇرۇھىدىكى ئالىي ئىقتىسادشۇناس راۋىج بىسۋاس تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا كۆرۈلگەن بۇنداق جىددىي تۆۋەنلەشكە يەنە بەرداشلىق بېرىش خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قېيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
