ساۋاقدىشىنى خىتايغا چېقىپ قويۇش بىلەن تەھدىت قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى

بوستوندىكى فېدېراتسىيە زاسېداتېللار ئۆمىكى (federal jury) ئۆزىنىڭ ساۋاقدىشىنى خىتايدىكى ئاق قەغەز ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەھدىت سېلىپ قورقۇتقان 25 ياشلىق خىتاي ئوقۇغۇچى ۋۇ شىياۋلېي ئۈستىدىن تور ئارقىلىق پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ قارار چىقارغان.

ۋۇ شياۋلېي بېركلېي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق يۇقۇم قامالىغا قارشى قوزغىغان ئاق قەغەز ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىدىن مەكتەپ ئەتراپىغا «بىز خىتايدىكى خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە» ، «بىز ئەركىنلىكنى خالايمىز» ، «بىز دېموكراتىيەنى خالايمىز» دېگەن خەتلەرنى چاپلىغان خىتاي ساۋاقدىشىغا بىر قانچە كۈن بويىچە توختىماي تەھدىت سالغان. ئۇنى «يەنە شۇنداق خەتلەرنى چاپلىساڭ سېنىڭ قولۇڭنى چاپىمەن» ، «سېنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار ئاتا-ئاناڭنى زىيارەت قىلىپ بارىدۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن پاراكەندە قىلغان. ۋۇ شياۋلېي شۇ يىلى دېكابىردا پاراكەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆت كۈنلۈك سوت جەريانىدا، ۋۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ تەھدىت ئەمەسلىكىنى، پەقەت بىر-بىرىنى تونۇيدىغان ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قارىشى بار ئىككى ياش ئوتتۇرىسىدىكى «تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن» تور ماجىراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى يەنە ۋۇ شياۋلېينىڭ پەقەت ساۋاقدىشىغا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرىنى ئەسلەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق، فېدېراتسىيە زاسېداتېللار ئۆمىكى 25-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ۋۇنىڭ «تور ئارقىلىق پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش» جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارار قىلغان. ھەر ئىككى ئەيىبنامىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئۈچ يىل نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ۋە ياكى 250 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. ۋۇنىڭ قانداق جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى 24-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر دېلو ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. ۋۇ شياۋلېينىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ماسساچۇسېتس رايونىنىڭ مۇۋەققەت ئەيىبلىگۈچى ئادۋوكاتى جوشۇئا س. لېۋي (Joshua S. Levy) مۇنداق دېگەن: «بۇ دۆلەتتە ھېچكىم سىياسىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن زوراۋانلىققا ۋە تور ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكىتىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك».

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بوستون ئالاھىدە خادىمى جودى كوخېن (Jodi Cohen) بولسا «ۋۇ شياۋلېينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن پائالىيەتچىنى جىمىقتۇرۇش ۋە قورقىتىش ھەرىكەتلىرى جىنايى قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغىمۇ پۈتۈنلەي خىلاپ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى بۇ ئىشقا باھا بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ بىر جاۋاب ئالالمىغان.