ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇققا قارشى يەرلىك قانۇن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 5 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر «چارە» 29 - ئىيۇل كۈنى رەسمىي ماقۇللانغان بولۇپ، 1 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان «بوغۇز ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ماقۇللىغان مەزكۇر يەرلىك نىزامنامىدە «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دا تىلغا ئېلىنماي قالغان مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ قانۇن شەكلىگە كىرگۈزۈش مەقسەت قىلىنغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، نىزامنامىدە يەنە «تېررورچى ۋە ئەسەبىي گۇرۇھلارنىڭ يېتەكچىلىرى، باشقىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقانلار، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان تەربىيەلەرگە قارشى چىققۇچىلار ۋە زوراۋانلىق قىلىش خاھىشى بارلارنىمۇ يالغۇز كامېرلارغا قاماش» بەلگىلەنگەن.

بۇ يېڭى نىزامنامىدە كىشىلەرنى ھىجرەتكە تەشكىللەش، ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەربىيە بېرىش، خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ھەر خىل گۇۋاھنامىلەرنى ياكى خەلق پۇلىنى قەستەن بۇزۇۋېتىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان ھەرقانداق پىكىرنى تارقىتىش قاتارلىقلارنىمۇ تېررورلۇققا مەنسۇپ، دەپ بېكىتكەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ماقالىسىدە يەنە ئالاھىدە قىلىپ «ھالال» چۈشەنچىسىنى يېمەك - ئىچمەك دائىرىسىدىن ھالقىغان ساھەدە ئىشلىتىشمۇ تېررورلۇق قىلمىشىغا ياتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئېلىشات ھەسەن بۇ قېتىمقى يېڭى نىزامنامە ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ بۇ نىزامنامىنى يولغا قويۇشى - ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.