خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا «بايانات» ئېلان قىلدۇرماقتا

داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ دېلوسى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان دىپلوماتىيە جىددىيچىلىكىگە پىلتا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

بۈگۈن، يەنى 14-فېۋرال كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇلنىڭ نامىدا بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر باياناتتا گۈلنار ئوبۇل ئىنتايىن قاتتىق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بىلىم ئىگىلىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» ئىدىيىلىرىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدە پارتىيە ھەم دۆلەتنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان زەھەرلىك ئىشلار بىلەن يوشۇرۇنچە شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئاتالمىش ‹مۇستەقىللىق چۈشى› ۋە ‹دۆلەت قۇرۇش چۈشى› نىڭ خام-خىياللىرىغا مەستانە بولدى.»

مەزكۇر باياناتتا يەنە دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنىي بىلىم ئىگىلىرى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جىمىي «ئەسەبىي ئىدىيە» ۋە «ئەسەبىي ھەرىكەتلەر» نىڭ قوزغاتقۇچىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى بېتىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇپەتتىشى ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ نامىدا يەنە بىر پارچە «بايانات» ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى ئىزىم»، يەنى پانتۈركىزم بىلەن پانئىسلامىزمغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مىللىي تىل-يېزىق ساھەسىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىدىن خالىي بولۇشىنى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىلگەن.

رادىيومىزنىڭ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، بۇ خەۋەر خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋەزىپىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ نامىدىن «بايانات» ئېلان قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچى خەلقئارادىكى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ۋە لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە مەھبۇسلار مەسىلىسىدە نۆۋەتتە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تۇتقۇندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئوتتۇرىغا قايتا چىقىرىپ «ئويۇن» ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.