ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستاتىستىكا خىزمىتى 10 يىلدىن بېرى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانغان

يېقىندا خىتاينىڭ «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئىستاتىستىكا خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ 10 يىللىق نەتىجىسى خۇلاسە قىلىنغان ھەمدە «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئىستاتىستىكا خىزمىتى ۋەزىپىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يىغىندا ئىچكىرى خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، قاراتمىلىق ياردەم بېرىش، ئۇزۇن مۇددەت ياردەم بېرىش، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ھەر تۈرلۈك ئىستاتىستىكا ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نىشانى بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستاتىستىكا خىزمىتى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى توپلاش، رەتلەش، تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى بولۇپ، بىر رايوننىڭ نوپۇس، ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىشنىڭ مۇھىم قورالى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى تولۇق كونترول قىلىش، باشقۇرۇش، كۆزىتىش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئۈچۈن بۇ قورالدىن پايدىلىنىدۇ. ھەتتا خىتايدىكى بارلىق مەمۇرىي ئورۇن، كەسپىي ئورۇن، كارخانا، شىركەت، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرمۇ ئىستاتىسكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەيدۇ، تەدبىر بەلگىلەيدۇ ۋە ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق مۇھىم قورالنى تامامەن ئۆز ئىلكىگە ئالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئىچكىرى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە بۇ خىزمەت ئۈچۈن نۇقتىلىق ياردەم بەرگۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.