خىتاي ئ‍ۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» مودېلىنى خەلقئاراغا ئۈلگە سۈپىتىدە سۇنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى يۇرت-ماكانلىرىدىن كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈش ۋە خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەركىتىنى خەلقئاراغا «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» ۋە «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرىش» نىڭ ئ‍ۈلگۈسى سۈپىتىدە سۇنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇن كۈنى ئ‍ۈرۈمچىدە بۇ توغرىلىق مەخسۇس خەلقئارا ئ‍الماشتۇرۇش يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بۇ يىغىننىڭ دەل 4-ئىيۇن لوندوندا باشلانغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ناتراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا يۇرت-ماكانلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئەئەنىۋىي تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلىغانلىقى ۋە خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە «شىنجاڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ،» دېگەن. بىراق كونكىرېت قايسىي تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشنى تىلغا ئالمىغان. ئەركىن تۇنىياز ئ‍ىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 3 مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا-كەنت» لەرگە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىننى ئۇيغۇر ئ‍اپتونوم رايونى بىلەن خىتاينىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئ‍ۆمىكى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئ‍ىكەن.