خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن.
بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى شۇ گۇيشياڭ سۆز قىلىپ، ئامېرىكانى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىندىيانلارنى قىرغان دۆلەت؛ ئىرقىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىپ، قارا تەنلىكلەرنى خورلىغان دۆلەت» دەپ قارىلاشنى داۋام قىلغان ھەمدە «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە گەپ قىلىدىغان سالاھىيىتى يوق، شىنجاڭنىڭ نەرىدە لاگېر بار ئىكەن، قايسى يېرى دوزاخقا ئوخشايدىكەن؟» دەپ جار سالغان. ئۇ يەنە «ئامېرىكانىڭ ھەممىگە قول سوزۇش قىلمىشى ۋە ئاقىۋىتىنى ئويلىماي ئىش قىلىشى ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىسى ليۇ ۋېيدۇڭ ئامېرىكادىكى دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىرىستىيان دىنى ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېسىتېتىدىن زۇلھايات ئىسمائىل شۈي گۇيشياڭنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، ئامېرىكانىڭ تارىختا ئىككى يېرىم مىليون ئىندىياننى قىرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى «مىسال كەلتۈرگەن».
يىغىندا يەنە «ئامېرىكا ھېكايىسى»، «ئامېرىكا توزىقى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەر قويۇلۇپ، ئامېرىكانىڭ «ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلىرى»، غەربكە يۈرۈش ھەرىكىتىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك» كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلگەندەك، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-لايىھەسىنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان. خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرى يىغىندا نەچچە ئەسىر ئالدىدىكى ۋەقەلەرنى كۆپتۈرۈپ، ئامېرىكانى قارىلاشقا ۋە بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە سېلىشتۇرۇشى قانچە بىمەنىلىك بولسا، قانۇن ۋە ئادالەت، دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئۆزىنى ئامېرىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمۇ شۇنچە كۈلكىلىكتۇر.
