خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورى 7-ئۆكتەبىر «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى خەلقنىڭ روھىغا چوڭقۇر سىڭدۈرەيلى» ناملىق ئوبزۇر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئوبزۇرلىرىدىن بىرى ئىكەن.
بۇ ئوبزۇردا خىتايدىكى تاۋۇز چاغىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى دېيىلگەن ھەمدە تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار تىلغا ئېلىنىپ، «تاڭ دەۋرىدىلا بۇ يەردىكى خەلق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھۈنىرى بويىچە يۆبىن (ئايتوقاچ) تەييارلاشنى بىلگەن» دېيىلگەن.
بۇ ئوبزۇردا تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا ياڭاق ياكى گۈلقەنت قېتىپ يۆبىن تەييارلاش، سېتىش، سوۋغا قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان ھەمدە «يۆبىن گەرچە كىچىك نەرسە بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن.
ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر رايونىدا كورونا ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قانداق ئىتتىپاقلىشىپ، بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان. ئاندىن «بۇلار ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى›نى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئاڭ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىش ئاساسىدۇر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ نېگىزى ۋە مەنىۋى كۈچىدۇر» دېيىلگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى يەنىلا خىتاي سېكرىتاتى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەن نام ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەلىپى بولۇپ، شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىگە ئائىت مىللىي، دىنىي ۋە تارىخىي كۆز قارىشىنى تۈپتىن يوقىتىپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.