خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى ئاساسلىق ھالدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش ھەمدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى كەڭ ئاشكارىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشىمىغان بالىلار مائارىپىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «12-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئۈچۈن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ھەقىقىي تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قەستەن پەيدا قىلغان مۇناسىۋەتلىك يالغانچىلىقلارغا رەددىيە بەردى.»
مەزكۇر يىغىندا خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېزا بالىلىرىنىڭ باي-كەمبەغەللىكى ئايرىلماي تۇرۇپ، يېزا يەسلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مائارىپتىن بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئۇلار ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ سىنلىرىنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ، بۇ بالىلارنىڭ پاكىزە ئازادە مۇھىتلاردا خوشال – خورام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىنى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرىغا قارشى سۆزلىگەن مۇتەخەسسىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى تىرىك يېتىملارغا ئايلاندۇرغانلىقى، ئۇلارنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، بالىلار ئەڭ خوشال، ئەڭ بەختلىك چوڭ بولىدىغان يەرنىڭ ئاتا – ئانا ۋە ئائىلىسىنىڭ باغرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.
ھالبۇكى، ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسىي شەھەر-بازارلاردىكى يەسلىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە باشقۇرۇشنىڭ داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
