خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» ىدىكى 102 چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى بولغان قومۇل-چۇڭچىڭ يۇقىرى بېسىملىق توك يولى «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ 3-لىنىيەسى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان ھەر يىلى چۇڭچىڭ شەھىرىگە 40 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك تەمىنلىگەن.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ «پارىژ كېلىشىمى» گە ئەمەل قىلىپ، كۆمۈرگە تايىنىشنى ئازايتىپ، كاربون دىئوكسىدنى قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى دەپ تەرىپلەنگەن. ئەمما ئىچكىرى خىتايغا پاكىز ئېنېرگىيە (يەنى توك) تەمىنلەنگەن بىلەن، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى سەرپ قىلىدىغان كۆمۈردىن قويۇپ بېرىلىدىغان گاز ۋە بۇلغىما ماددىلار بۇ رايوننىڭ كىلىماتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ توكى» بىلەن تەمىنلەنگەن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر قالايدىغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى يەنىلا مەشغۇلاتىنى داۋام قىلماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ستانلېي تۇپس بۇ مەسىلە توغرۇلۇق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاينىڭ توك ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنى بۇلغاۋاتقان كاربون گازىنىڭ بەرىبىر ئىچكىرى خىتايغىمۇ زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
