ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئورگانلىرى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىغۋا تارقىتىش جىنايىتى بىلەن يەنە 6 كىشىگە مەمۇرىي جازا بەرگەن. بۇ كىشىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۇچا، بۆرتالا، ئۈرۈمچى ۋە شىخەنزىلەردە قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلار ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ياكى خەلقنى ۋەھىمىگە سالىدىغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان. مەسىلەن، شىخەنزە شەھىرىدىكى مەلۇم كارخانا خىزمەتچىسى سۈي سىنا مىكرو بىلوگىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى كۆپ جايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، نەچچە يۈز كىشى ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان.
خەۋەرلەردە بۇ ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە مىللىتى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ فامىلىسىدىن خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئىغۋا تارقاتقان 19 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.