خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

خىتاينى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە زاپىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر رايونى، نۆۋەتتە خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان بولۇپ، قۇملۇقتىن بوز يەر ئېچىپ ئاشلىق تېرىش كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇندىكى كۈنى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېھقانلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى تەكلىماكان چۆلىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئۇ يەرلەرگە بۇغداي تېرىپ خىتاينىڭ ئاشلىق خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ھەسسە قوشماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە تېرىلغۇ يەرگە ئايلانغان دائىرىنىڭ كۆلىمى 400 گېكتار (6000 مو) غا يەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە مۇھىت ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان، تۇپراقنىڭ چۆللىشىشى ۋە زەھەرلىشىشى تېزلەشكەن، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ھەر يىلى تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالغان. خىتايدا چۆللىشىپ كەتكەن تۇپراق 300 مىليون گېكتارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال يەنە داۋاملىشىدىغان بولسا، 1 مىليارد 400 مىليون خىتاينىڭ ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچار بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدىكەن. ھەر يىلى دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتى ياكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىمۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلغان. مەسىلەن، خىتاينى ئاشلىق ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن شەندۇڭ ۋە خېنەن ئۆلكىسىدە ئالدىنقى يىللىرى قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، 300 مىليون خىتاي ئاھالىسىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالغان. دېمەك، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتە تۆۋەنلەش، ئاشلىق تەمىنلەشتە ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك خەۋپى كۈچەيمەكتە ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاشلىق بازىسى بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەرنى ئومۇملاشتۇرغان بولسا، دۆلەت سىرتىدىن، مەسىلەن ئۇكرائىنا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن يەر ئېلىپ زىرائەت تېرىشنى باشلىغان؛ شۇنداقلا چەتئەلدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلغان. ئۇكرائىنادا ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى، ئافرىقىدىكى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر خىتاينىڭ ئاشلىق خەۋپسىزلىكىنى زىيانغا ئۇچراتقان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى ئەڭ بىخەتەر ئاشلىق بازىسى دەپ قاراپ، سۇ قۇرۇلۇشى ۋە بوز يەر ئېچىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان.