ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 29-ئۆكتەبىر كۈنى X ھېسابىدا بىر يۈرۈش ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، «سىنىكا پودكەست» (Sinica Podcast) بىلوگىنىڭ رىياسەتچىسى كايسەر كو (Kaiser Kuo) نىڭ خىتاي شىنخۇا مۇخبىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئادرىيان زېنىز ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ھەمدە نىسبەتەن ئەركىن پىكىر قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈپ ئۆزىگە خېرىدار توپلىغان كايسەر كونىڭ مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «كەيسەر كو ئىككى نەپەر شىنخۇا مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ، ئۇلار ئۈچۈن بىر تەرەپلىك سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە خىتاينىڭ ‹جەمئىيەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغانلىقى› نى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەسلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن» .
ئادرىيان زېنز بۇ سۆھبەتتە شىنخۇا مۇخبىرى ياڭ ليۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچە ئۇسۇل بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى» دېگەن گېپىنى، ئاندىن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى بۇنىڭ بىر مىسالى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ئادرىيان زېنىزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياڭ لىيۇ بۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەكنى پەقەت خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ قارىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. كايسەر كو ئۇنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەيلا قالماستىن، ياڭ لىيۇنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بەلكى ئامېرىكانىڭ ئۆز مەركەزچىلىك سىياسىتىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئادرىيان زېنىز ئۇچۇرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دەل شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتىغا، يەنى بۇ رايوندا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنى ‹نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» دەپ تەسۋىرلىشىگە دەل ماس كېلىدۇ. بۇ يەردە خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسىغا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى مۇخبىرنى زىيارەت قىلىپ ئوخشىمىغان پىكىر ئېلىش باشقا ئىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي سىياسىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭ سىياسىتىنى ‹خىتايچە ئۇسۇل› دەپ ئاقلاش ھەمدە بۇنىڭغا رەددىيە بەرمەسلىك باشقا ئىشتۇر».
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كايسەر كونىڭ ئەسلى ئىسمى گو يىگۇاڭ (郭怡广) بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا خىتايدا داڭق قازانغان «تاڭ سۇلالىسى مۇزىكا ئەترىتى» نى قۇرغان شەخس ئىكەن. ئۇ ھازىر خىتاينىڭ «بەيدۇ» ۋە «يوكۇ» تورىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى ئىكەن، ئۇ قۇرغان «سىنىكا پودكەست» خىتاينىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.