خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن كېلىپ چىققان زىيان-زەخمەتكە جاۋابكار بولۇشى تەلەپ قىلىنماقتا

خىتايدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر زور ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكادىكى ھەر ساھە كىشىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان غايەت زور زىيان-زەخمەت ھادىسىلىرىگە جاۋابكار بولۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس كراسكا 23-مارت كۈنى زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى دېكابىر ئېيىنىڭ باشلىرى ۋۇخەندىكى دوختۇر لى ۋېنلياڭ ۋە باشقىلار تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندا دەرھال بۇ خەۋەرنى قامال قىلغانلىقى، ۋىرۇس شىددەت بىلەن يامراۋاتقاندا «بۇ ۋىرۇس ئادەمدىن ئادەمگە تارقالمايدۇ» دەپ كىشىلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلىغانلىقى، 2020-يىلى فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 1700 دىن ئارتۇق دوختۇر ۋە سېسترا بۇنىڭدىن يۇقۇملىنىپ بولغاندىمۇ بۇ ئەھۋالنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. ھالبۇكى خىتاي ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا ئىمزا قويغان ئەھدىنامىدە مۇشۇ خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقالسا دەرھال مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا كېسەللىكنى يوشۇرۇش قىلمىشى ئاقىۋەتتە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ھال دەرھال پۈتۈن خىتايغا، ئاندىن دۇنياغا يۈزلىنىپ، دۇنيا ئۈچۈن بىر زور ئاپەتكە ئايلانغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىرۇسقا دائىر ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا كۆرسەتمە بېرىشى تۈپەيلىدىن دۇنيا بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ھەمدە ئۇنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىدىن خەۋەرسىز قالغان. دەل مۇشۇ خىل كېسەلنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشى خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە قانۇنسىز قىلمىش، دەپ قارىلىدۇ. قانۇنسىز قىلمىش بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا جەزمەن تېگىشلىك جازا بېرىلىشى لازىم.

ئاپتور خىتاينىڭ نۆۋەتتە بۇ خىل قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئەھدىنامىسىنىڭ 14-بابىدا ئېيتىلغان ماددىلار بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا تاپشۇرۇش، خىتاينى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى يېتەكچىلىك ياكى ئەزالىق ئورنىدىن قالدۇرۇش، خىتاي بىلەن بولغان ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى مۇناسىۋىتىنى بىرنەچچە يىلغىچە بىكار قىلىش قاتارلىق چارىلارنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مىسسۇرى شىتاتىدىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي 24-مارت كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى قىلمىشلىرىنى خەلقئارالىق سەۋىيەدە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ تارقالغانلىقىدىن خەۋەردار تۇرۇقلۇق ئىزچىل تاشقى دۇنياغا يالغان ئۇچۇر تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر بىخۇدلىشىپ قالدى» دەپ كۆرسەتتى.