«نىككېي ئاسىيا تەقرىزى» تورى: «كورونا ۋىرۇسى خىتاينىڭ بىيومېتىرىك تېخنىكاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ باھانە يارىتىپ بېرىدۇ»

«نىككېي ئاسىيا تەقرىزى» تورى خەۋەر ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتاينىڭ بىيومېتىرىك تەخنىكاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ باھانە يارىتىپ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ غەربنىڭ ئەندىشىلىرىگە قارىماي بۇ ساھەدىكى يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ مەزكۇر تېخنىكانى ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبلىك 2019-يىلى خەيكاڭ، داخۇا قاتارلىق 8 خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن ئىدى.

«نىككېي ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىيومېتىرىيەلىك كىملىك تونۇش تەخنىكاسى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتىمۇ ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن. يېقىندا دائىرىلەر بۇ ئەسۋابنى گۇاڭجودىكى كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەسۋاب يولۇچىلارنىڭ بەدەن تەمپېراتۇرىسىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرىدىكەن شۇنداقلا سۈرەتكە تارتىپ، دەرھال سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىغا يوللايدىكەن. ئەگەر سۈرەتتىكى بۇ كىشىدە بىر قانچە قېتىم تاجسىمان ۋىرۇس ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسا بۇ كىشى ئاپتوبۇسقا چىقىرىلمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ خىل تېخنىكانى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. «نىككېي ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىك» تىكى 8 خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تەخنىكاسىغا ئېرىشىشى چەكلەنگەنلىكىنى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋە خورلاش ھەرىكىتى رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.