خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولسىمۇ نۆۋەتتە تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر يىلغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 14-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئالاھىدە شەرھلەندى.
چۇن خانۋوڭ ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە ئىقتىسادىي كرىزىس نۆۋەتتە شى جىنپىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ مۈشكۈلات بولۇپ، شى جىنپىڭ يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «پادىشاھلىق» قا ئېغىر سايە تاشلاپ تۇرغان ئامىللاردىن بولۇپ قالغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نىشانىدىن بىردىنلا قايتىشىنى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق، دەپ قارىغان. ئەنە شۇ خىل پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ بىرى پروفېسسور ئالفرېد ۋۇ (Alfred Wu) بولۇپ بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «بۇنىڭدىن قارىغاندا 2023-يىلى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئاپەتلىك بىر يىل بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچىنى ۋىرۇس ۋاباسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جاراھەتلەرنى داۋالاش، شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھازىرقى بارلىق ئەيىبلەشلەرگە جاۋابكار بولۇشى لازىم ئىكەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «ھەرقانداق شارائىتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش» ھەققىدىكى چاقىرىق ئۆز نۆۋىتىدە ھېچكىمنىڭ شى جىنپىڭنى تەنقىدلىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان. يەنە بىر ياقتىن شى جىنپىڭ بۇ خىل تەنقىدتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «نۆۋەتتە بىز ۋىرۇسنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا مېڭىۋاتىمىز. بىزنى كۈتۈپ تۇرغان قاتتىق سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىمىز ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىز لازىم. ئىتتىپاقلىق كۈچ» دېگەندەك دەبدەبىلىك نۇتۇقلارنى سۆزلەپ تۇرغان. ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك يامرىشى، بۇنىڭ تەسىرىدە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، مۇكەممەل ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ بولماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر ئىستېمالچىلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سانىدا ئوخشاشلا چېكىنىش بارلىققا كەلگەن.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى ئاستىرتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ ماڭغان.
خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن. ئاپتور بۇنىمۇ خىتاي ئۈچۈن بىر يېڭى ئاپەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.