خىتاينىڭ تور جاسۇسلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭمۇ ئېلخەت ساندۇقىغا ھۇجۇم قىلغان

يېقىندا خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ مىكروسوفتنىڭ خېرىدارى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئالاقىسىنى ئوقۇغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تور جاسۇسلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭمۇ شەخسى ۋە سىياسىي ئېلخەت ئالاقىسىگە ئېرىشكەن. خەۋەردە، خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دون بېيكوننىڭ شەخسى ۋە سىياسىي ئېلخەت ئالاقىلىرىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. دون بېيكون 14-ئاۋغۇست تۋىتتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنى خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئېلخەت ئالاقىسىنى خاككېرلىغانلىقىدىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تور جاسۇسلىرى مىكروسوفتنىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل 5-ئاي بىلەن 6-ئاي ئارىسىدا ئۇنىڭ ئېلخەت ئالاقىسىنى خاككېرلىغانىكەن.

نېبراسكا شتاتىدىن بولغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دون بېيكون، ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ ئېمبارگو لايىھەسىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدىشى، خىتاينىڭ قىلمىشى ئەيىبلىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، دون بېيكون يەنە تەيۋەننىڭ ئامېرىكادىن زاكاز قىلغان مىلياردلارچە دوللارلىق قورال-ياراقلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقى» نىمۇ ئېيتقان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» ئۆتكەن ئايدا ھۆكۈمەت ۋە شەخسى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە بەزى ئەقىل ئامبارلىرىنىڭمۇ بارلىقى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ بەزى دۆلەت مەجلىسى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.