خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق خەلقئارا يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنماقتا
2024.06.13
خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ئىيۇندا قەشقەردە «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نى ھەمدە خىتاينىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 12-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مۇنبەردە خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ شېڭمىن «تارىم ۋادىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى كىملەر: قەدىمكى شىنجاڭنىڭ تارىخى» ماۋزۇلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە، مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلەيدىغان «غۇز» (خۇ) لار، قەدىمكى تىبەت ۋە چياڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان «چياڭ» لار ۋە خىتايلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئاساستا «تارىم ئويمانلىقى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ماكانلاشقان بىر جاي» دېگەن.
يىغىندا يەنە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، يىپەك يولى ۋە مىللىي ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى شياۋ شياۋيوڭ قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ بۇددىزم خارابىلىرىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «مور ئىبادەتخانىسى» ھەققىدە توختىلىپ «بۇ ئىسپاتلار شىنجاڭدا كۆپ خىل دىنلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدەك تارىخنى ئىسپاتلاپ بەردى، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى» دېگەن.
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «بىردەك زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك ئىسپاتلار شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خىتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، غەربىي رايون خەلقىنىڭمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ خىتاي مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە خەلقئارا ئېتىراپقا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بىرەر كىشىمۇ قاتناشمىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى بەزىلەر «تارىخنى سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى» دەپ مەسخىرە قىلغان. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى مۇتەخەسسىسى ماگنۇس فىسكەسيۆ X تىكى ئىنكاسىدا بۇ يىغىننى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەملىكىچىلىك» دەپ كۆرسەتكەن.