خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يېڭى بىر مەيدان يالغانچىلىقنى باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتى ئۆتكەن بەش يىلدا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى» دەپ جاكارلىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي دۆلەت كابىنېتىغا قاراشلىق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى لى شياۋجۈن يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. شۇنىڭدەك ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ھەقلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ بۇنى تولۇق قوغداۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەنئى قىلىنۋاتقانلىقىى شۇنچە ئاشكارا مەلۇم بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بۇ خىلدىكى باياناتلارنى بازارغا سېلىشىى بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى يالغانلارنى تەكرارلاۋەرسەك باشقىلارنى ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئالداش بىلەن مەشغۇل بولماقتا» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى يېقىندا تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرغان «شىنجاڭدىكى چۈشلەر ۋە ئۈمىدلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ فىلىمنى «ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەڭ يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دەپ باھالىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 53 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتى «تاللانغان» ئون نەچچە شەخسنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» جەريانىدا قانداق يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قانداق يېڭىلىقلارغا پۈركىگەنلىكىنى بايان قىلىدىكەن.