رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئادۋوكاتلارنى تۇتۇش-سوراق قىلىش ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەن.
شې ياڭنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى جاڭ جۇڭشى 5-ئاپرېل رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، 9-ئىيۇل ئاۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە تۇتۇلغان ئادۋوكات شې ياڭنىڭ ئايالى چېن گۇيچىيۇ 4-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭغا ساياھەتكە بارماقچى بولغىنىدا، « دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئىھتىمالى بار» دېگەن باھانىدە چېگرادا توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادۋوكات جاڭ جوڭشى يەنە شې ياڭنىڭ ئايالى چېن گۇيچىيۇنىڭ چېگرادىن چىقىرىلماسلىقىغا، يېقىندا 9-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يازغان، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئىمزالىق خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر 9-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش سوراق قىلىش ۋەقەسىدە تەخمىنەن 300 گە يېقىن ئادۋوكات تۇتقۇن قىلىنىش، سوراق قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 40 تەك كىشى خىتاي چېگراسىدىن چىقماقچى بولغاندا تۇتۇپ قېلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلھام توختىنىڭ ئىككى نەپەر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭ بىرى ليۇ شاۋيۈەننىڭ ئوغلىمۇ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ليۇ شاۋيۈەن قاتارلىق 13 نەپەر ئادۋوكات ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
