ئادۋوكات: جاڭ خۈيتاۋنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراش سوتتا ئەمەس، قەغەز يۈزىدە داۋام قىلىدۇ

ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خۈيتاۋ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 19 يىللىق كېسىلگەن ۋە ئۇ، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ خۈيتاۋنىڭ ئادۋوكاتى چېن جىنشۈې بۈگۈن سوتتىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان، ئۇقتۇرۇشتا جاڭ خۈيتاۋنىڭ دېلوسىغا قايتىدىن قارىلىدىغانلىقى، لېكىن سوتتا ئەمەس، قەغەز يۈزىدە قارىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئادۋوكاتى سوتنىڭ بۇ قارارىنىڭ نورمال سوت تەرتىپىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى يەنى بىر قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە، بۇ قارار جاڭ خۈيتاۋ ھەققىدىكى ئەسلىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خۈيتاۋ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

مەزكۇر ئادۋوكات يەنە، ئۆزىنىڭ 16-نويابىر كۈنى جاڭ خۈيتاۋ بىلەن قاماقخانىدا كۆرۈشكەنلىكىنى، كويزا-كىشەنلەنگەن جاڭ خۈيتاۋنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.