يېقىندا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «تەيۋەن پرېزىدېنتى»، «جۇڭخۇا مىنگو»، «خىتاي-خوڭكوڭ»، «خىتاي-ئاۋمېن» دېگەندەك بىر يۈرۈش ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر «ئاتالغۇلار چەكلىمىسى» ۋە «سۆز ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇش» قارارى بويىچە ئالغاندا، تەيۋەنگە نىسبەتەن «جۇڭخۇا مىنگو» ۋە «تەيۋەن پرېزىدېنتى» دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىك، بۇنىڭ ئورنىغا «تەيۋەن» ۋە «تەيۋەن رايونى رەھبىرى» دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللىنىش، تەيۋەننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتتىكى ئەزالىقىنى ئاتىغاندا، «ئەزا دۆلەت» ئاتالغۇسىنى ئەمەس، بەلكى «ئەزاسى» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىشى بېكىتىلگەن.
خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىنگو» ۋە «تەيۋەن پرېزىدېنتى» ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىدە تەيۋەن تەرەپ ئۆز تەنقىدىي مەيدانىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، تەيۋەن تەرەپ خىتايدىن «جۇڭخۇا مىنگو» نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا، جاڭ كەيشى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا مىنگو، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، 1949-يىلى تەيۋەن ئارىلىغا كۆچۈپ بېرىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تاكى 1971-يىلىغىچە ب د ت نىڭ ئەزاسى بولۇپ، شۇ يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىگەن ئىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى تاكى ھازىرغىچە ئۆزىنى يەنىلا رەسمىي شەكىلدە «جۇڭخۇا مىنگو»، يەنى «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىماقتا.
خىتاي ئۆز مەتبۇئاتلىرىدا بۇرۇندىن تارتىپ بىر يۈرۈش سەزگۈر ئاتالغۇلارنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ مىللىي-سىياسىي ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.