خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار 700 مىليوندىن ئاشقان

خىتايدا ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ قاتتىق كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتايدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلارنىڭ 700 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ئىنتېرنېت ۋە تور ئالاقىسى مەركىزىنىڭ چارشەنبە كۈندىكى باياناتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە 3.1 پىرسەنت ئۆرلەپ، نۆۋەتتە جەمئىي 710 مىليونغا يەتكەن.
بۇلار ئۆتكەن 6 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بولسىمۇ تورغا چىققۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلارنىڭ 92.5 پىرسەنتى يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، بۇ يىل مايدىن ئېتىبارەن تېلېفونلارنىمۇ كىملىك بويىچە تىزىملاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇلار يەنە بۇ يىل ئىيۇندىن باشلاپ يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ، خىتاي ئىچىدىكى يانفون ئەپ بازارلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىمۇ كۈچەيتكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قائىدىلەرنىڭ «پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى يەنە خىتايدىكى ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان VPN يەنى «مەۋھۇم خۇسۇسىي تور» قاناللىرىنىمۇ توسقان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تور مەزمۇنلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، توردا سودا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.

خىتايدا تور قوللانغۇچىلارنىڭ سانى تىز كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتى تەڭپۇڭسىز ئىكەن. خىتاي ئىنتېرنېت ۋە تور ئالاقىسى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى 710 مىليون تور قوللانغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاز قىسمىنى يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغانلار تەشكىل قىلىدىكەن.

يېقىندا يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ بەلۋاغلىق تور قوللانغۇچىلار سانىنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى 12 مىليونغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر پارچە خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا 18 مىڭ ئەتراپىدا تور بېكىتى بارلىقى، ئەمما ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەت تىلىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ بۇنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.