بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تورلارنىڭ بىرى بولغان شىنلاڭ تورىدا ئېلان قىلدى.
يىللاردىن بېرى خىتاي ئوقۇرمەنلىرى بۇ خىل دوكلاتلارنى توردا تامدىن ئاتلاش تەدبىرى بىلەن كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم تامدىن ئاتلاشنى بىلمەيدىغان ئوقۇرمانلەرنىڭمۇ مەزكۇر دوكلاتنى كۆرۈشىگە ئىمكانىيەت تۇغۇلغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەچكە، خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا بۇ دوكلاتقا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا تەرەپنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ شىنلاڭ تورىدىكى بىلوگىدا 29-ماي كۈنى خىتايچە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات بىر كۈن ئىچىدە بىر مىڭ نەچچە يۈز قېتىم ئۇلاپ بېسىلغان ۋە 800 نەچچە كىشى ئىنكاس يازغان. ئىنكاسچىلاردىن بىرى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئىشلارنى خىتاي پۇقرالىرىدىنمۇ ياخشى بىلىدىكەن» دەپ يازغان.
بۈگۈن رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايدىكى يەرلىك تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئەپسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. رادىيومىزغا بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان گۇاڭدوڭدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ بۇ دوكلاتنى ئۆچۈرگۈزىۋەتسە بۇنىڭ بىر ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئەمما ئۆچۈرمىسە مەزكۇر دوكلاتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كۆرۈپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.