خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ساقچىلار ئادەتتىكى قوناق ۋە مېھمانخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ياتاق بەرمەسلىكنى بۇيرۇغان.
خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال بۇ شەھەردىكى ئادەتتىكى قوناق ۋە ئەرزان باھالىق مېھمانخانىلارغا يوللىغان ئۇقتۇرۇشىدا، تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە پۇقرالىرىغا ياتاق بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردە، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ياتاق بېرىش چەكلەنگەن بۇ قوناق ۋە مېھمانخانىلارنىڭ بىر كېچىلىك ياتاق باھاسى 20 دوللار ئەتراپىدىكى ئەرزان باھالىق مېھمانخانىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، ياتاق بەرمەسلىكنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 12-ئايدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللىغاندىن كېيىن، بارلىق مېھمانخانىلارغا ئۇيغۇر يولۇچىلار كەلسە، دەرھال ساقچىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى بىر خىل مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرغان. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان مېھمانخانىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» خەۋىرىدە يەنە قەيت قىلىشىچە، بۇ قوناق-مېھمانخانىلار سىناپ بېقىش ئۈچۈن ياتاق زاكاز قىلغان بەزى مۇخبىرلارغا، «بىز ياتاق بېرەلمەيمىز، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
