خىتايدىكى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا قاتتىق دىققەت قوزغىغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ھاۋادىكى بۇلغىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇ يىل تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇنغان بەزى كۆمۈر ئېنېرگىيە زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇلار شۇنداقلا، بۇ يىل ئىچىدە باشلانغان قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى باشلىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ۋاقتىنىڭمۇ قايتا بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، باياناتتا بۇنىڭ جەمئىي قانچىلىك قۇرۇلۇش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق سان بېرىلمىگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي جۇڭغار رايونىدىكى كۆمۈردىن ئېلېكتر توكى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭمۇ يېرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر جايلارنىڭ بىرى. ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى «شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇش پىلانىغا ئاساسەن قۇمۇل ۋە غۇلجىدا كۆمۈر گازىدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتر توكى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.