مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى 4-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈشىدە، 2015-يىلى خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئېلىشى 2014-يىلدىكىدىن تەسلەشكەنلىكىنى ۋە ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق 177 نەپەر ئەزاسى ۋە بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولمىغان 351 نەپەر مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
باياناتتا بۇلتۇر يىل ئاخىرى ۋىزىسى ئۇزارتىلماي خىتايدىن قايتۇرۇلغان فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرى سەۋەبلىك، دائىرىلەر تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى، 2015-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتا مۇئامىلىسى ئەڭ قاتتىق بولغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇتېر خانىم 2015-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغان، دەپ شەرھىلىگەنلىكى ۋە بۇ پىكرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەر ئۇنىڭ خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
