فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيېر خانىم «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 22-دېكابىر كۈنىدىكى سۆزىدە، خىتايدىكى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنىڭ ھازىرغىچە يېڭىلانمىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭ 1-يانۋاردىن بۇرۇن خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇرسۇلا گوتىيىر فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبىس» ناملىق خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى. ئۇ مەزكۇر ژۇرنالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى» غا قارىتا بەزى گۇمانىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، «خاتا خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» قا مەجبۇرلانغان.
ئۇرسۇلا خانىم ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق چاقىرىقى يوشۇرۇن مەقسەتكە ئىگە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، پارىژدىكى تېررور ھۇجۇمىدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ دەرھال فىرانسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بايدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئەسلىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا چىدىماي ئەپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلايدىغان كۈچلۈك ئىسپات يوقلۇقىنى بايان قىلغان.
ئۇرسۇلانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، ئادەتتە خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رۇخسەت كىنىشكىسى ھەر يىلى 11-ئايدىن 12-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭىلىنىپ بولىدىكەن. ئەمما ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خەت تاپشۇرۇۋالمىغان. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇۋاتقان فىرانسۇز دىپلوماتلاردىنمۇ جاۋاب كەلمىگەن.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇخبىرلارغا تەھدىت قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.