خەلقئارادا خىتاينى تەنقىدلەش ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىقتىسادىي «تىزگىنەك» ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرماقچى بولۇشى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى تەھرىرات ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋاسكېتبول كوماندىلىرىدىن «خيۇستون راكېتا» كوماندىسىنىڭ باش غوجىدارى داريل مورېي بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى! بىز خوڭكوڭ بىلەن بىللە» دېگەن قۇرلارنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە تارقاتقان ھەمدە ئۆزىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېمكراتىيە نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇنىڭدىن ئانچە ئۆتمەيلا خىتاي تەرەپتىن بۇنىڭغا قارشى كەسكىن «قايتۇرما ھۇجۇم» يېتىپ كەلگەن: خىتايدىكى داڭلىق ئاياق شىركەتلىرىدىن بولغان «لى نىڭ ئاياغلىرى»، شاڭخەيدىكى پۇدوڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىقلار دەرھاللا ئۆزلىرىنىڭ «خيۇستون راكېتا» كوماندىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش توختاملىرىنى بىكار قىلغان؛ خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن «خيۇستون راكېتا» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى تېلېۋىزىيەدە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ خىتاي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ خىلدىكى قاتمۇ-قات بېسىملار ئالدىدا «خيۇستون راكېتا» كوماندىسىنىڭ خوجايىنلىرى «سودا بىلەن سىياسەت بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىككى نەرسە» دېگەن چۈشەنچىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار «بەلگىلىمىلىرى» گە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خيۇستون راكېتا» كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىدىن جېيمېس خاردېن ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى «دۆلەتلىك ۋاستكېتبول بىرلەشمىسى» (NBA) مۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك رېئاللىق ئالدىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھەمدە خىتاينى ئەيىبلەشتىن ئۆزلىرىنى ئەپقاچقان.
ماقالىدا مۇشۇ ئەھۋاللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئاشۇ ئىنسانلار خىتايغا باش ئېگىش بەدىلىگە ئېرىشكەن بايلىق ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەركىنلىكنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمىدى؟بومبا ساقىلى بىلەن مەشھۇر بولغان جېيمىس خاردېن ئۆزىدەك ساقال قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنىڭدەك ھەققانىيەت بىلەن ئادالەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل سۈركىلىشتە ھەرقاچان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ «سۈكۈت قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك» دەپ ئىش كۆرۈۋاتقانلىقى مەسخىرە قىلىنىدۇ.