«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ-19سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە خىتاينىڭ چەتئەلگە پۇل سالغان ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ جازالاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە بانكا ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا پۇل سالغان ماھىرە ياقۇپ ئىسىملىك 41 ياشلاردىكى غۇلجىلىق بىر ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى، نۆۋەتتە 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان ماھىرە ياقۇپنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «تېررورلۇققا پۇل ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ماھىرە يۈسۈپنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە ماھىرە يۈسۈپنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق نەۋرە تۇغقىنى ئەلىما نۇرۇللا زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «خىتاي بىزنى ناتسىستلار يەھۇدىيلارنى نىشانغا ئالغاندەك نىشانغا ئالماقتا» دېگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئەھۋال «خىتاينىڭ تۈركىي تىل ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايلارغا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.»
خەۋەردە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ «تېررورلۇققا پۇل ياردەم قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئانالىزچىلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىسىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ئەندىشە قىلارلىق يېڭى ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى راين سامنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بۇ چەتئەل بىلەن ھەرقانداق ئالاقىسى بار ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش سىياسىتىدە بىرەر چېكىنىش ياكى يۇمشاش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماھىرە ياقۇپ 1-قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 10 ئاي لاگېردا يېتىپ چىققان. ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ 4 ئايدىن كېيىن يەنە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم «تېررورلۇققا پۇل ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىپلىنىپ كېسىۋېتىلگەن.