«تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغان» دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئەسلىدە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىم ياپونىيەدە ئوقۇپ قايتقان ئاكىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلغىنىدا، قارشى تەرەپ، ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ «تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى»، شۇڭا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئابدۇسەمى ئاكىسى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان تور بېتىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىشتىن توختىغىنىغا قاراپ، ئاكىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدا ئۈرۈمچى غالىبىيەت ساقچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىمنىڭ ئاكىسى دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم ھەققىدە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئابدۇخېلىل 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە بىر يىلچە يۇرتى كەلپىندە ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1999-يىلى ياپونىيەگە چىقىپ چىبا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 10 يىلچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، يەنى 2010-يىلى يۇرتىغا قايتقان. ئۇ ئۈرۈمچىدە ھەرەمباغ شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2021-يىلى 11-ئايدا ئۇشتۇمتۇت ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئابدۇسەمى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغاندا قارشى تەرەپ، ئابدۇخېلىلنىڭ «قول تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغان» لىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇخېلىلنىڭ ئۈندىدارى ۋە ئۇ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەرەمباغ شىركىتىنىڭ تور بېتىگە قاراپ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇسەمى، شۇ كۈنلەردە «ھەرەمباغ» توربېتىدىكى كۈندىلىك يېڭىلىنىش توختاپ قالغىنىغا قاراپ، ئاكىسىنىڭ تېلېفونى بۇزۇلۇپ قالغىنىدىن گۇمانلانغان ۋە جىددىي شەكىلدە ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان.

بىز ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ھەرەمباغ شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق. شىركەتنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش بۆلۈمى (ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى) خادىمى شىركەتتە، ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىرى بارلىقىنى دەسلەپتە «ئەسلىيەلمىدى». لېكىن ئۇ ئارقىدىن ئارخىپقا قاراپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىزدىشىنىڭ نەتىجىسىنى بايان قىلمىدى.

ئابدۇسەمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇخېلىل ياپونىيەدىكى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە كومپيۇتېر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانىكەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بىرقانچە شىركەتتە ئىشلىگەن ۋە ئاخىرىدا ھەرەمباغ شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئىتتىپاق يولى لىجىڭ ئاھالىلەر رايونىغا ئولتۇراقلاشقان. بىز مەزكۇر ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئامانلىق بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئابدۇخېلىلنىڭ قاچاندىن بېرى بۇ قورۇدىن ۋە خىزمەت ئورنى بولغان ھەرەمباغدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىغا خېلى بولغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچى شەھەر غالىبىيەت ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما ساقچى خادىملىرى ئابدۇخېلىلنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىغا مەلۇمات بەرمىگەن.

ئابدۇسەمىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئابدۇخېلىل ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر تۇتقۇن قىلىنماي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، بىر قانچە قېتىم ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ تېلېفونى تەكشۈرۈلۈپ تۇرغانىكەن.