شاڭخەي شەھىرىگە ئائىت يەرلىك خەۋەرلەرنى ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىدىغان «شاين» ناملىق بىر تور بەت 26-ئاپرېل كۈنى شاڭخەيدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە، تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبلىك شەھەردىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەر تاقالغان بولسىمۇ، ئەمما سۇڭجياڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ يەردە ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىنى داۋام قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
خەۋەردىن قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قىشلىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى 20 دەك ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان، ئەمما 296 ئوقۇغۇچى مەكتەپتە قالغان. تاجسىمان ۋىرۇسى كەڭ تارقىلىپ، دۆلەت بويىچە ھەممە يەر كارانتىنغا ئېلىنغاندىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقاپ، بالىلارنى كارانتىنغا ئالغان، بىر قانچە ئوقۇتقۇچىدىن باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغان. خەۋەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى، مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇلارنى كېلىپ يوقلاپ تۇرغانلىقى، ھېچقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ بەختكە يارىشا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتايدىكى تور بەتنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. خىتايدا يۇقۇم ئەڭ ئېغىر پەللىگە چىققاندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش مۇمكىن بولمىغان. ئەمما شۇ مەزگىلدە خىتايدىكى «دويىڭ»، يەنى «تىكتوك» ناملىق ۋىدىيو تورىدا ۋۇخەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوچىلاردا ئامانلىق باشقۇرۇشقا ئېلىپ چىقىلغانلىقى ھەققىدە بىر ۋىدىيو تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.
28-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. گۇاڭجۇدىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانۇنىي ياردەم بېرىش پونكىتى» تەرىپىدىن ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر يۇقۇمدارلارنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سەھىيە ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىدى.