ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى خىتايدىكى تەجرىبىخانا بىخەتەرلىكىدىكى يوچۇقنىڭ يېڭى يۇقۇمغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن
2023.04.13
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى خىتايدىكى بىئو-خىمىيە تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ھەققىدە زور كۆلەملىك بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان.
12-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بىئو-خىمىيە تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك يۇقۇم يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇتلۇقى ئەسكەرتىلگەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى خىتايدا تارقالغان سارس، كورۇنا ۋىرۇسلىرى ۋە ئاخباراتلاردا ئانچە دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن باشقا ۋىرۇس تارقىلىش ۋەقەلىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان. ئۇنىڭدا خىتايدىن ئىبارەت ھاكىممۇتلەق دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا ئائىت ئۇچۇرلارنى خەلقئارا بىلەن ئورتاقلاشماسلىقى، ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇشى سەۋەب بولغان ۋە بولىدىغان ئېغىر ئاقىۋىتىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتتا كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقاپ كەتكەنلىكىدەك بىر ئېھتىمال بىلەن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ مۇشۇنداق خەتەرلىك تەجرىبىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىقتىدارى تەھلىل قىلىنغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەندەك تەجرىبىخانا ھادىسىلىرى ئامېرىكىدا 70-يىللىرىدا زامانىۋى بىخەتەرلىك ئۆلچىمى قوللىنىلىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىپ باققان. ئەمما تاكى 2020-يىلىغىچە خىتايدىكى تەجرىبىخانىلارنى زىيارەت قىلىپ باققان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتايدىكى تەجرىبىخانىلاردىكى بىخەتەرلىكى ھازىرمۇ ئۆلچەمگە توشمايدىكەن. مەسىلەن، تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەر ۋە تەجرىبە قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا سېتىلىشى، تەجرىبىخانىدىن چىققان ئەخلەت ۋە سۇنىڭ بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىدەك ئەھۋاللار ئېغىر ئىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، خىتاي گەرچە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن قانۇن ماقۇللاپ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى چىڭىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇ قانۇنغا ئەمەل قىلغان-قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئۇ ھازىرغىچە خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ۋۇخەندە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشىغا يول قويمىغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاخىرىدا، مانا شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا دۇنيانىڭ كورۇنا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا ئوخشاش يەنە بىر نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ خەۋپىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يوق دېگىلى بولمايدىغانلىقى خۇلاسىلەنگەن.