خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى كۈنسايىن كۆپەيگەن. خىتاي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭغا دونالد ترامپنىڭ سايلامدىن بۇرۇنلا ئەگەر قايتا سايلانسا، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى 60 پىرسەنتكە كۆتۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.
بەيىن (Bain) نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، تىجارىتىنى خىتايدىن يۆتكەۋاتقان شىركەتلەرنىڭ نىسبىتى 2022-يىلدىكى 55 پىرسەنتتىن 2024-يىلى 69 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن. خىتايدىن يۆتكەلگەن شىركەتلەرنىڭ 39 پىرسەنتى ھىندىستانغا، 16 پىرسەنتى ئامېرىكا ياكى كاناداغا، 11 پىرسەنتى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا، 10 پىرسەنتى غەربىي ياۋروپاغا، 8 پىرسەنتى لاتىن ئامېرىكاسىغا كۆچكەن.
«بەيىن» تەتقىقات ئورنى بۇ يۈزلىنىشنى، يەنى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىنى گېئو-سىياسىي ئېنىقسىزلىق ۋە خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخنىڭ ئېشىشىغا باغلىغان. ئۇ يەنە تەكشۈرۈشنىڭ 39 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن، 2022-يىلدىكى پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ چېكىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تىرامپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويغان. ئانالىزچىلار، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن خەۋەر بولغانلىقىنى، تىرامپ يولغا قويماقچى بولغان تاموژنا بېجىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
