تۈركىيەدىكى بىر سىياسىي پارتىيە ئەنقەرەنى «يەكەن ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا نوتا تاپشۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.31

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «يەكەن ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا نوتا تاپشۇرۇپ، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرمەسكە سالماسلىققا چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئوققا تۇتۇلۇپ، شېھىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 29‏-دېكابىر يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بىرىكىشىنى تىرىك تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىنقى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە 3‏-قېتىم يۈز بەرگەن بۇ قانلىق توقۇنۇش خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇستافا دەستىچى يەنە، ئەگەر خىتاي قەتلىئامنى توختاتمىسا، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزسە، خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى دەرھال توختىتىشنى ۋە مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. دەستىچى، كۈتاخيادىكى باشقا بىر مۇراسىمدا، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.