خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار تېز سۈرئەتتە ئازايماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.26

يېقىندا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ قاچىدىغان بازارلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالماقتىكەن. يەنە كېلىپ مارت ئېيىنىڭ ئۆزىدىلا خىتايدىن چېكىندۈرۈلگەن مەبلەغ 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىلدىكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىش ھادىسىسىنى «ھېچقاچان مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەدىكى مەبلەغدىن ئايرىلىپ قېلىش» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا غەرب دۇنياسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن خىتاي ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ جەلپكار بازار بولۇپ كەلگەن. ئەمما روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئوخشىمىغان شەكىللەردە روسىيەنى قوللىشى چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇپ قالغان. چۈنكى غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە قارشى تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ بۇ سەپكە قوشۇلماسلىقى ھەمدە «مۆتىدىل ئارتىس» قىياپىتىگە كىرىۋېلىشى خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە مۇشۇ خىل جازالارنىڭ ئورتاق نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن بېشارەت بەرگەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكا سىستېمىسى 2018-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرغان بولغاچقا مەبلەغ ساھىبلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچۈن ئامېرىكا خىتايغا قارىغاندا بەكرەك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان. ئىقتىسادشۇناسلاردىن مارتېن چورزېمپا (Martin Chorzempa) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا فېدېراتىپ ئامانەت سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاشقانلىقتىن خىتاينىڭ مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن سىستېمىسى قايسىلا جەھەتتىن قارىغاندا ئۆز جەلپكارلىقىنى يوقاتتى. خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىمۇ ئالتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ھەققىدىكى چاقىرىقلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. 2021-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ۋىرۇس ھەققىدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلەر تۈپەيلىدىن خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مائارىپ ساھەسىلا ئاز دېگەندىمۇ 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق شەخسىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان. خىتايدىكى مىسلىسىز قاتتىقلىقتا ئىجرا بولۇۋاتقان قامال چارىلىرىمۇ مەبلەغنىڭ ئوبۇرۇتقا كىرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقتىن خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئەتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بۇ مەملىكەتكە مەبلەغ سېلىشنىڭ بەكمۇ زور تەۋەككۈلچىلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. جۈملىدىن شاڭخەيدىكى قامال چارىلىرى تۈپەيلىدىن بۇ رايوندىكى غايەت زور چەتئەل زاۋۇتلىرى تاقىلىشقا مەجبۇرلىنىش ياكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچار بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، خىتاينى مەنبە قىلغان پايچەكلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەب بولغان.

2021-يىلى خىتايغا ئېقىپ كىرگەن چەتئەل مەبلىغى 173 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ «تارىختىكى ئەڭ يۇغۇرى رېكورت يارىتىلغان» دەپ جاكارلانغان ئىكەن. ئەمما يۇقىرىقى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بۇ مەبلەغنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەتئەلگە قايتىپ كېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.