يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە كېڭەيمچىلىكى ئەتراپتىكى رايونغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى يېنىغا تارتىپ، بۇ ئىغۋاگەرلىكنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىپ كېلىۋاتقانىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى (15-ماي) ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىرلىشىپ، ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئارالدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يەنە 18-ماي كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيە تەۋەسىدە تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدىكەن. ئۈچ دۆلەت ئەسكەرلىرى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر مەشق مەيدانىدا شەھەر جېڭى مانىۋېرى ئېلىپ بارىدىكەن، بۇنىڭغا تەخمىنەن 200 ئەسكەر قاتنىشىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيەمۇ يۇقىرى ئۈچ دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي دېڭىزدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭغا 11 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشتۇرۇلغانىدى.
بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېر خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن دېڭىز تېرىتورىيەسى تالىشىش، بولۇپمۇ سىنكاكو ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ۋەزىيىتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچى پەقەت ئۆزىنى قوغداش دائىرىسى بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەمۇ ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنى ھەربىي كۈچ جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆتكەن ۋە دۆلەت مۇداپىيە خام چوتىنى ئۆستۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «تۆت تەرەپ سۆھبىتى» مۇنبىرى قۇرغان بولۇپ، ھىندىستان بىلەن ئاۋسترالىيە بۇنىڭغا ئەزا ئىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خەلقئارا جامائەت بۇنى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تۈزۈلگەن ئىتتىپاق دەپ قارىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىتتىپاقنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىگە تايانغان گۇرۇھۋاز بىرلىك» دەپ ئەيىبلىگەن.