خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتىكى كۈچنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەن

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇنى» لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

«CNBC» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن 52 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل، شۇنداقلا ئۆزەك ياساشقا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن باج كرېدىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ يەنە ئامېرىكانى باشقا تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت قانۇنى (USICA)» ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى» (America Competes Act) نىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىكەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالغان زور قەدەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

«CHIPS-plus» ياكى «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئەمدى ئاۋام پالاتاسىغا يوللانغان بولۇپ، ئاۋام پالاتادىن ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا ئەۋەتىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ ئۆزەك قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايغا باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلايدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ، دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۆپ سانلىقلار لىدىرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) كېڭەش پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر قانۇننى ماختاپ: «ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان ئەڭ چوڭ مەبلەغنىڭ بىرىنى تەستىقلاش ئارقىلىق بىز ئامېرىكانىڭ ئەڭ ياخشى كۈنلىرىنى تېخى ئالدىمىزدا دەپ ئېيتالايمىز،» دېگەن.