ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 5-ماي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان يېڭى سىياسىتى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىدىكەن.
«سىياسەتچى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانتونى بلىنكېن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرىدىكەن. بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىتى ئاساسەن سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا قوللانغان سىياسىتىنىڭ داۋامى، بايدېن ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇنىڭغا بەزى تەدبىرلەرنى قوشقان، شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا پەۋقۇلئاددە ئېغىر سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ» دەپ پەرەز قىلىشماقتا ئىكەن.
ئانتونى بلىنكېن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەيدىغان بۇ نۇتقىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىگە قوللىنىلىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنىڭ يول خەرىتىسى ھەم دىپلوماتىيە نىشانىنى ئېنىق بايان قىلىدىكەن. بۇ يىغىندىن كېيىنلا ئامېرىكا بىلەن شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى باشلىنىدىكەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ ئايدا كورېيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» دە «ئامېرىكانىڭ مەقسىتى خىتاينى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتنى ئۆزگەرتىش، تەسىر كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش. بۇ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا پايدىلىق» دېيىلگەن.