يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت كەسكىن تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ سىستېمىلاشقان نازارەت مېخانىزىمى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتى (UMD) نىڭ كومپيۇتېر ئىلمى پروفېسسورى دىنېش مانوچا (Dinesh Manocha)نىڭ بۇنىڭغا بىۋاستە ئىشتىراك قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
«خەۋەرلەر ئامبىرى» نىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پروفېسسور دىنېش مانوچا يېقىندا ئالىبابا گۇرۇھى تەمىن ئەتكەن 125 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق تەتقىقات تېمىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ تەتقىقاتتا شەھەر رايونىنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇمتال ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ يۇمتال يولدا كېتىۋاتقان پىيادە كىشىنىڭ كىملىكى ۋە خاراكتېرىنى تۈرگە ئايرىپ چىقالايدىكەن. تەتقىقات دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ: «بۇ يۇمتال ھەر بىر پىيادە كىشىنىڭ ھەركىتىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ» دېيىلگەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان خەۋەرلەر ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقتىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بىۋاستە شېرىك بولغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. پروفېسسور مانوچانىڭ خىتايدىكى تېخنىكا شىركىتى ئۈچۈن بۇ خىل يۇمتالنى ئىشلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدە «يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى رايان فېداۋسۇك (Ryan Fedasiuk) مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بىر ئالىمنىڭ خىتايدىكى نازارەت مېخانىزىمىغا خىزمەت قىلىشى زادىلا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستانلىق پروفېسسور مانوچانىڭ شۇنچە يۇقۇرى مائاش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن شۇنچە يۇقۇرى سوممىلىق تەقلىدىي ئەقىل يۇمتاللىرى توختامى بار تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بۇ قەدەر ئىلمىي ھەمكارلىقتا بولۇشى نۆۋەتتە قىزغىن بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.