ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆچۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا.
«خىتاي ئارخىپى» تورىدا 13-مايدا ئېلان قىلىنغان تىموسى گروس (Timothy Grose) ئىمزاسىدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە، يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان خىتايچە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ناشتىلىق ئۈچۈن ئەتكەن چاي بىلەن نان يېيىشتەك ئادىتىنى «قالاقلىق»، «ئوزۇقلۇق كەملىكىنىڭ مەنبەسى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەيىبلەشنى باشلىۋەتكەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئورنىغا خىتايلاردىكى ناشتىلىق ئۈچۈن پىلتا قۇيماق (يۇتياۋ)، شوۋىگۈرۈچ (شىفەن)، ھورنان (جىڭموما)، قازان نېنى (بىڭزى) يېيىشتەك ئادەتنى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى كەڭ كۆلەمدە باشلىۋەتكەن. ئۇلار بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدە «كۆپلىگەن قالاق ئېلېمېنتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، خىتايچە تائاملارنىڭ پاكىز، زامانغا لايىق ۋە ھەممىلا كىشى قوبۇل قىلالايدىغان نورمال ئۆلچەمدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. قەشقەردىكى «ئۈلگىلىك خەلق ساقچىسى» مىجىت قادىرغا ئوخشاش كىشىلەر بولسا بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «بەزى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە خىزمەتلەرگە كۆپلىگەن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل خاتا قاراشلارنى جەزمەن ئۆزگەرتىش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
ھالبۇكى، 2007-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر يېمەكلىرى قامۇسى» دا 1800 خىلدىن كۆپرەك ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلغان؛ شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئوخشىمىغان ئاشلىق تۈرلىرى، ئوخشىمىغان گۆش، ھەر خىل دورا-دەرمانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگىچە ۋە مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە مۇكەممەل يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن ئاپتور بۇنىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى ئۆي جابدۇقلارنى خىتايچە شەكىلگە ئۆزگەرتىش تەشۋىقاتى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھازىر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.