خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «دۆلەت ئورتاق تىلى» دا ئوقۇتۇشنى ئومۇمۇمىييۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە چەكلىگەندىن بۇيانقى بەش يىل ئىچىدە «دۆلەت ئورتاق تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئ‍ومۇمىييۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2021-يىلى رايوندىكى مەكتەپلەردە ئاتالمىش «دۆلەت تىل-يېزىقى» دا ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى نورمال يوللار بىلەن تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇنداق جىددىي ئۆزگىرىشنىڭ پەۋقۇلئاددە رادىكال تەدبىرلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مائاراپ ساپاسى ۋە نورمال ئ‍ۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان يامان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى» بىلەن ئوقۇتۇلۇش نىسبىتى پۈتۈن رايون مىقياسىدا تولۇق قاپلىنىپ بولغان.

رايوندىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى 98. 19 پىرسەنت، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ نىسبىتى 95. 69 پىرسەنت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى 98. 87 پىرسەنتكە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايوندىكى ئوتتۇرا-باشغلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى بىردەك بىكار قىلىپ، ئىچكىرى خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

«شىجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «شىجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى» تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولىدىغان بىر ۋاقىتتا، «شىجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى» نى تەكىتلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.