يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى، ئۇيغۇر سەبىيلەرنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنىڭ ئاللىقاچان مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي چاڭچىلىسى ئوينىتىشنى بىر تۈرلۈك ئومۇمىي دولقۇن سۈپىتىدە باشلاۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تېڭشۈن» تورىنىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بورتالا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 10 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى رەئىسە مەھمۇدجاننىڭ ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن ھالدا بېيجىڭ ئوپېراسى ئورۇنلىشى «سەنئەت بېغىدا پورەكلىگەن گۈلتاجىنىڭ جۇلاسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى جاپالىق مەشىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكى، «ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن بېيجىڭ ئوپېراسىنىڭ ئاجايىپ جىپسىلاشتۇرۇلغانلىقى» زوق-شوخ بىلەن بايان قىلىنغان.

يات مىللەتلەرنىڭ خىتاي چاڭچىلىسى ئۆگىنىشى كۆپتىن بېرى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەنئەنە ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، يېزىقى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە سەنئەت دۇردانىلىرى «قالاقلىق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلىنىپ پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ۋە يوقىتىلىۋاتقان شارائىتتا، تېخى ئاق-قارىنىڭ نېمىلىكىنى پەرق ئېتىپ بولالمىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى خىتاي چاڭچىلىسى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش يىللاردىن بۇيان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خىتايچە تېكىست بىلەن ئېيتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى خىتاي تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە «كوڭزىچە مائارىپ تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، چاڭچىلە ئويناشنى ئۆگىتىش» نىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ تونۇلۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «بىر مىللەتنى مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە تىلغا ئېلىنغان مۇھىم ئامىللاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان ئىدى.

خەۋەردە «يېڭى ئۈلگە» دەپ ئاتالغان رەئىسەنىڭ بېيچىڭ ئوپېراسىنى ئۆگىنىشى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق» دېيىلگەن بولۇپ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىلدىكى چاڭچىلە ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن قىلىپ چىقىش ئۇرۇنۇشى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن.