خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر كاۋاپلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.08.13

ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەزمۇنلاردىن بولغان زىخلىق كاۋاپنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتلىرىدا «خىتاي كاۋىپى» دېگەن نامدا تونۇشتۇرۇلۇشى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 13-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىدا «خىتاي كاۋىپى» ناملىق يېمەكلىكنىڭ چەتئەللىكلەرنى يەرلىك رېستورانلارغا جەلپ قىلىشتا زور رولى بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھەمدە ئۇيغۇرچە كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان بىر موڭغۇلنىڭ رەسىمى خەۋەرگە قىستۇرۇلغان.

ماقالىدا لاتىن ئامېرىكاسى، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىن خىزمەت ۋە ئوقۇش سەۋەبى بىلەن خىتايغا كېلىپ قالغان چەتئەللىكلەرنىڭ «خىتاي كاۋىپى» غا نەقەدەر مەھلىيا بولۇپ قالغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ھەممىلا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكى ئىشارە قىلىنىدۇ. ھالبۇكى پۈتۈن ماقالىدا «خىتاي كاۋىپى» دېگەن نام سەككىز قېتىم ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، «ئۇيغۇر» سۆزى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە بۇ كاۋاپنىڭ خىتايغا خاس تائام ئىكەنلىكى ۋاسىتىلىك ھالدا چۈشەندۈرۈلىدۇ.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ كۆچمەن خەلقلەر ئىجاد قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىلىرىدە ئۇزاق ئەسىرلەر مەۋجۇت بولغان مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ماقالىدىكى «خىتاي كاۋىپى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوللىنىلىشىنى «نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ بىر مىسالى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.