خىتاي دائىرىلىرى كۇچارنى قايتا قۇرۇشتا خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ «چاڭئەن ئەندىزىسى» نى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.08.14

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى شەكىللەندۈرگەن ئۆزىنىڭ خاس تارىخىي شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، «خىتايچىلاشتۇرۇش» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن كۇچارنى قايتا يېڭىلاشتا خىتاينىڭ خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ «چاڭئەن ئەندىزىسى» نى ئۈلگە ئېلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، كۇچار شەھەرلىك پارتكوم، «بېيجىڭ چىڭچېڭ رۈيشيەن رەقەملىك تېخنولوگىيە تەتقىقات ئورنى» نىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى كۇچارغا تەكلىپ قىلىپ، «كۇسەن قەدىمىي شەھەر رايونىنى قوغداش ۋە ئېچىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.»

خەۋەردە، «كۇسەن قەدىمىي شەھىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش» تىكى مەقسەتنىڭ «كۇچاردىن ئىبارەت بۇ داڭلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ ‹ئالتۇن سودا كارتىسى›نى تېخىمۇ ياخشى پارلىتىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇچار شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لۇجۈن، «بېيجىڭ چىڭچېڭ رۈيشيەن رەقەملىك تېخنولوگىيە تەتقىقات ئورنى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، «كۇچار ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ جايلاشقان تۇرالغۇسى. خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي رايونلارنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى ۋە نامايەندىسى» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار بىلەن بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئاۋۋال سېلىنغان ئولتۇراق جايلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كېتىشى ۋە خەن دەۋرىدىكى ‹چاڭئەن ئۇسلۇبى› شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەم بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ تارىخىي رېئاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە ئەندىزىسىنى تەتقىقات قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەن. «بېيجىڭ چىڭچېڭ رۈيشيەن رەقەملىك تېخنولوگىيە تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى خې يېن، كۇسەن شەھىرىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشتە خەن ۋە تاڭ سۇلالىرىنىڭ قەدىمكى شەھىرى، مىڭ-چىڭ سۇلالىرىنىڭ كونا شەھىرى ۋە ساق-ساق كوچىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى مەركەز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تارىخىي قىياپىتىنى پۈتۈنلەي خىتاي قۇرۇلۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.