لىۋانلىق مۇتەخەسسىس خىتاينى ئاقلاپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب سولچىللار مۇنبىرىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى سامىر دىئاب(Samir Diab) يېقىندا ئەرەب سىياسەتچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ دۆلىتى لىۋانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈزەل مەنزىرىلەر» نى ماختىغان.

سامىر دىئاب «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دىننى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقى بەلگىلەنگەن، دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ».

دوكتور ئاندېرس كور قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە تەسىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاتالمىش چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ياكى مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى داۋاملىق سۆزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ۋە بېيجىڭ بىيۇروسىنىڭ باشلىقى داۋىد رېننى (David Rennie) رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ھەمدە روزا ھېيت كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا زىيارەتكە بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنى «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز داۋىد رېننى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئۇ بىزگە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھاياتى، كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىسى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي چەكلىمىسى ۋە ئاتېئىزم تەشۋىقاتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شىنجاڭدا كومپارتىيەنىڭ ئىدىيەسىگە ۋە سىياسىتىگە ماسلاشقان كىشىلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى قوغدىلىۋاتىدۇ، ئەمما دىنغا ئېتىقاد قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدالمايۋاتىدۇ» دېگەنىدى.