«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ گۆرۈگە تۇتۇش قىلمىشلىرىدىن سەگەك بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت»ژۇرنىلى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان قاچقۇن ئەمەلدارلارنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئىلگىرى خوڭكوڭ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەللەردە شۇنداقلا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بەزى كىشىلەرنى مەخپىي خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ئېھتىماللىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغىغان. ماقالىدە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيەگە ئوخشاش ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى، غەرب ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا زېمىنىدا گۆرۈگە تۇتۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ياكى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە خىتاينىڭ گۆرۈگە تۇتۇش ھەرىكىتى قاچقۇن ئەمەلدارلار ياكى ئۆكتىچىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ماقالىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 2009 ۋە 2010‏-يىلى ئامېرىكىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەنگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا بەزى ۋەدىلەرنى بېرىپ، خىتايغا قايتىپ كېتىشكە قىستىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، يەنى فبى‏ ‏غا مەلۇم قىلىمەن، دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق ئەھۋال ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ يۈز بەرگەن. ماقالىدە 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى مىسىردا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئايالى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ئۇلار خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەر ئىككىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە بىر نەپەر ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدا بىرەرسىنى گۆرۈگە تۇتمىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇنى قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،» دېگەن.