«شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ باياناتچىسى: «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش — خىتاينىڭ كېلەچىلىكىگە مەبلەغ سېلىشتۇر»
2022.10.21
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20 -قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللىرى»نىڭ باياناتچىسى جاڭ چۈنلىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇنىڭدىن كېيىن يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنىڭ يۆلىنىشىدىن بىشارەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش خىتاينىڭ كېلەچىكىگە مەبلەغ سېلىش» ھېساپلىنىدىكەن.
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلار، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» باياناتچىسىنىڭ سۆزى، خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر ئېلىنى «ئېچىش»قا مەركەزلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ باياناتچىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن، 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى يەسلى مائارىپى قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى نامىدا خىتاي كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەنتلەرنى كۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىشكەن «ئۇتۇقلىرى»نى بايان قىلىپ ئۆتكەن، ئاندىن «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش — خىتاينىڭ كېلەچىكىگە مەبلەغ سېلىشتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
جاڭ چۈنلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 6353 يەسلى قۇرۇلغان، 2 مىليون 380 مىڭ 530 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي سېلىنىپ، 2 مىليون 360 مىڭ 980 ئائىلە، 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشى كۆچۈرۈلگەن.
ئۇ يەنە 3666 نامرات كەنت ۋە 3 مىليون 60 مىڭ 49 نەپەر نامرات نۇپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى، دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى مىكرو زاۋۇتلارغا ۋە سانائەت باغچىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ چۈنلىن تىلغا ئالغان «ئىشىك ئالدىدىكى مىكرو زاۋۇتلار» ۋە سانائەت باغچىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي خۇسۇسىي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرى ئىكەن.