ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ نامايىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى مۇھىم خەۋەرلەردىن بولۇۋاتقاندا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ۋېي فېڭخې تولىمۇ غەلىتە ھالدا خوڭكوڭ نامايىشى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋېي فېڭخېنىڭ زادى نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئېيتىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكانى بۇ مەسىلىلەردە ئارقىدىن «يەل بەرمەسلىك» كە دەۋەت قىلغان بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋېي ۋېڭخې ئاشكارا سورۇنلاردا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زومىگەرلىك قىلمىشى تەنقىد قىلىنغاندا «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىڭ بىر غېرىچ يېرىنىمۇ باشقىلارغا بېرىۋەتمەيدۇ،» دېگەن ئىكەن.
