بىڭتۇەننىڭ قۇرۇمقاش شەھىرى خىتاي نوپۇسى جىددىي كۆپىيىۋاتقان شەھەرگە ئايلانماقتا

خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە 2016-يىلى قۇرۇلغان بىڭتۇەن 14-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق قۇرۇمقاش (كۈنيۈ) شەھىرى خوتەن بوستانلىقىدا خىتاي نوپۇسى جىددىي رەۋىشتە كۆپىيىۋاتقان يېڭى شەھەرگە ئايلانماقتىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قۇرۇمقاش شەھىرىدە دۆلەت ھالقىغان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلانغان. مۇسابىقىگە 14-دېۋىزىيە، قوشنا ناھىيە ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى مەلۇم. خەۋەردىكى سىن كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 1-ئايدا بىڭتۇەن 14-دېۋىزىيەگە قاراشلىق قۇرۇمقاش شەھىرىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇرۇمقاش شەھىرى رەسمىي قۇرۇلغان. قۇرۇمقاش شەھىرى بىڭتۇەن قارمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، ھازىرقى نوپۇسى 50 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى ۋىلايەت بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى باشقا ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئاز ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىڭتۇەننى تېز سۈرئەتتە جەنۇبقا كېڭەيتىش، خوتەنگە تۆمۈريولنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خوتەن ۋىلايىتىنى خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغان. كېرىيە بوستانلىقىدا تەسىس قىلغان قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ دەل شۇ خىل سىياسىي ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

2015-يىلنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خوتەن ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار 96.7 پىرسەنتنى، خىتايلار 3.1 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى نوپۇس جەھەتتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى تولىمۇ قاتۇرغان، شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننى جەنۇبقا تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئىكەن.

ئادرىئان زېنزنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. ئەكسىچە، خىتايلارنىڭ نوپۇسى مەزكۇر ۋىلايەتتە كۈنسايىن ئېشىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن بوستانلىقىدا قۇرۇمقاشقا ئوخشاش بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىشى، بۇنىڭ دەلىلى ئىكەن.